作词 : 0991Yarlik
作曲 : 0991Yarlik
编曲 : 0991Yarlik
ئالداندىم
作词: Yarlik
作曲: Yarlik / Prod SievenJ
مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك سىنى ھاياتىم،جىنىم بىلگەنتىم
لېكىن ئەپسۇس بىلمەپتىمەن ،سېنىڭ ساختا كۆڭلۈڭگە
ئالداندىم
كۆيگەن سېنى سۆيگەن
سېنى دەپ يەڭ تۈرگەن
بىلگەن ئىدىم بەختىم دەپ ،ماڭا سادىق دەپ يۈرگەن
كۆيگىنىمدىن ئارتۇقراق بۇ يۈرەك ساڭا بەك كۆنگەن
بەختىمنى كۈتكەن
شادلىققا چۆمگەن
شېرىن خىياللار سۈرگەن
ئالداندىم مەن ئالداندىم
ئالداندىم مەن ئالداندىم
ئالداندىم مەن ئالداندىم
ئالداندىم مەن ئالداندىم
كۆيەتتىم سۆيەتتىم دىلىمدىن ساڭىلا. ئارزۇيۇم ئورنىغا قويغانتىمغۇ.
ئالدىماس تاشلىماس كەتمەيدۇ يېنىمدىن. ماڭىلا سادىق دەپ بىلەتتىمغۇ.
كېچىكىپ ھېس قىلسام ئالداندىممۇ
ئۆزۈمنى سۆيگۈمنى، خار قىلدىممۇ
چۈشەنسەم كۆڭلۈڭنى كېچىپسەن مېنىڭدىن ئايرىلىپ
سېنىڭدىن ئۆلەرمەنمۇ.
كۆيەتتىمغۇ
سۆيەتتىمغۇ
بىلىمەن دېگەنتىڭغۇ.
سۆيىمەن دېگەنتىمغۇ
بارلىقىم، ئامرىقىم ،تەقدىرىم ،شادلىقىم
سېنىلا بىلەتتىم تاتلىقىم
مەنىلىك بىلىنگەن ھاياتىم
سەن مېنى ئالدىدىڭ ئۆچتى مېنىڭ يورۇق سۆيگۈ قۇياشىم
سەن مېنى تاشلاپ كەتتىڭ
كۆزلىرىمنى ياشلاپ كەتتىڭ
ئەقىدەمنى ئالداپ كەتتىڭ
تەندىن روھنى باشلاپ كەتتىڭ
مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك سىنى ھاياتىم،جىنىم بىلگەنتىم
لېكىن ئەپسۇس بىلمەپتىمەن ،سېنىڭ ساختا كۆڭلۈڭگە
ئالداندىم
مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك سىنى ھاياتىم،جىنىم بىلگەنتىم
لېكىن ئەپسۇس بىلمەپتىمەن ،سېنىڭ ساختا كۆڭلۈڭگە
ئالداندىم
ئۆزۈڭنى چاغلاپ بىر دانە
جاھاندا يالغۇز يىگانە
سەن ئوت مەن خۇددى پەرۋانە
ئىشقىڭدا بولدوم دىۋانە
سەن بەردىڭ دىلىمغا يارە
ئايرىلىپ قىلدىڭ سەر سانە
ھەسرەتتە يۈرەك مڭ پارە
ماكانىم بولدى مەيخانە
كۈنۈڭ تەس، قىلما قەس،
بولدى يەتتى ، جاندىن ئۆتتى ،
بولدى بەس ،سەن بىر پەس ،ئامەت كەتتى
ياخشىلىق قىل نىيەت ،يېتەر ئەمدى
بۇ يۈرەك سېنىڭدىن كېچەر ئەمدى
ئىنتىلەتتى ھەم كۈتەتتى
ئويلىماس ساقلىماس كۆڭلۈم قالدى
سەن كەلمەس يولۇڭدىن كۆزۈم تالدى
سېنىڭدىن ۋاز كېچىپ كېتەي ئەمدى
راست گەپ سۆز چەكسە يۈرەكنىڭ تارىنى
يەردە قويمايدۇ قەلبنىڭ زارىنى
گەر بولسا ھاياتتا شۇنداق ئاشىقى
ئايىماس بۇ جاننى ھەتتا بارىنى
يالغان سۆز ئاغرىتىپ يۈرەك پارىنى
ئايرىماس ھەقىقەت ،ئاق ۋە قارىنى
كۆڭلۈم ھېچ كۆتۈرمەس يوغان ھالىنى
كۆڭلۈم ھېچ كۆتۈرمەس يوغان ھالىنى
歌词贡献:E_HijRaN