作词 : Rozi Lohman
作曲 : Rozi Lohman
编曲 : Rozi Lohman
مەشرەپ ئويناڭ
يارنىڭ مەلىسى بوستانلىق گۈللەر ئېچىلغان
خۇش پۇراقلار ئىپاردەك ھەريان چېچىلغان
شايار مەشرەپ سەنەملەر بار ھەممە يايرىغان
تازا شوخلاپ مەشرەپتە ئېچىلىپ بىر ئويناڭ
ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز مەشرەپنى راسلاپ
شوخلاپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ مانا غۇلاچلار تاشلاپ
بىر نەپەستە بەس بەستە نەغمىنى باشلاپ
ئوڭ يانغا بىرنى سول يانغا بىرنى تاشلىشىپ ئويناڭ
ئوسما قويغان قىز باللا ئويناڭ ئويناڭ
شوخ نەۋقىران ياش باللا مانا ئويناڭ ئويناڭ
بۇۋايلارمۇ مۇمايلارمۇ ئويناڭ ئويناڭ
مەشرەپنىڭ شاتلىقىغا جۆر بۇلۇپ ئويناڭ
سەكىرەپ ئويناڭ سەكىرەپ
يۈگىرەپ ئويناڭ يۈگىرەپ
يۇمىلاپ ئويناڭ يۇمىلاپ
چۆگىلەپ ئويناڭ چۆگىلەپ
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ
ئېچىلىپ ئويناڭ ئېچىلىپ
ئولتۇرغانلار ھەيران قالسۇن كارامەت ئويناڭ
ئوينىمىغانلار ھەۋەستە قالسۇن ئاجايىپ ئويناڭ
تويتۆكۈنلەر ئۆتمەس ئەزەل مەشرەپسىز قايناپ
قىززىمايدۇ ئويۇنلارمۇ مەشرەپسىز ئويناپ
شوخ يىگىتلەر گۈزەل قىزلار ئۇسسۇلنى باشلاپ
تازا شوخلاپ سەكىرەپ تاقىلاپ ئېچىلىپ بىر ئويناڭ
ئويناڭ بۈگۈن راسا ئويناڭ مانا تاڭلار ئاتقۇچە
قاس چىقىرىپ تازا مۆرىڭىزنى ئېتىپ ھاردۇق يەتكۈچە
ئويناڭ خۇشال ئاران كەلگەن پۇرسەت كەتكۈچە
ئالدىڭىزغا دەسسەپ كەينىڭىزگە دەسسەپ ئاجايىپ ئويناڭ