获取下载链接
歌词

作词 : Mehmutjan Yasin/Muhtarjan Kasim

作曲 : Mehmutjan Yasin/Muhtarjan Kasim

编曲 : Mehmutjan Yasin/Muhtarjan Kasim

تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ

ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ

ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ

ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي

ياندا سايەم، قالمىدىم يالغۇزسىراپ

ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي

ياندا سايەم، قالمىدىم يالغۇزسىراپ

♬♪مــۇزىــكــا♪♬

ۋە لېكىن ئاينىڭ لېۋى مەيدىن نېرى

قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ

ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن

ئۆتكۈدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراب

ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن

ئۆتكۈدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراب

♬♪مــۇزىــكــا♪♬

ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي

چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ

ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي

چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ

ساق ۋاقتىدا سىردىشىپ،سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن

مەست بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ

ساق ۋاقتىدا سىردىشىپ،سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن

مەست بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ

بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك

تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاب

تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئــــازاب